ئىزدە - پۈتكۈل تېكستىن ئىزدە

LibreOffice ياردىمىدىكى پۈتكۈل تېكست ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، ھەر قانداق شەكىلدە بىرىككەن ئىزدەش تۈرىنىڭ ياردەم پۈتۈكىنى تاپالايدۇ. شۇڭلاشقا ئىزدەش تۈرى تېكست سۆز بۆلىكىگە بىر ياكى بىر قانچە سۆز كىرگۈزۈڭ.

ئىزدەش تۈرى تېكست سۆز بۆلىكى يېقىندا كىرگۈزگەن سۆزلەرنى ساقلايدۇ. ئىلگىرىكى مەلۇم ئىزدەشنى تەكرارلىماقچى بولسىڭىز، يا ئوق سىنبەلگىسىنى يەككە چېكىپ، تىزىملىكتىن لازىملىق تۈرنى تاللاڭ.

ئىزدەش تاماملانغاندىن كېيىن، ئىزدەپ تاپقان پۈتۈك ماۋزۇسى تىزىملىكتە كۆرۈنىدۇ. مەلۇم تۈر قوش چېكىلسە ياكى تۈرنى تاللىغاندىن كېيىن كۆرسەت يەككە چېكىلسە مۇناسىپ ياردەم پۈتۈكى يۈكلىنىدۇ.

ماۋزۇدىنلا ئىزدە كۆپ تاللاش رامكىسىنى ئىشلىتىپ، ئىزدەشنى پەقەت ماۋزۇ بىلەنلا چەكلىيەلەيسىز.

سۆزگىلا يول قوي كۆپ تاللاش رامكىسى دەل ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر تاللانسا ئۇنداقتا قىسمەن ماس كەلگەن سۆزلەرنى ئىزدىمەيدۇ. ئەگەر ئۇزۇن سۆزدىكى كىرگۈزگەن ئىزدەيدىغان تۈر قىسمىنىلا ئىزدىمەكچى بولسا ئۇ ھالدا بۇ كۆپ تاللاش رامكىسى تاللانمايدۇ.

سىز ئىزدەيدىغان تۈرنىڭ خالىغان بىرىكمسىنى كىرگۈزەلەيسىز، ھەر قايسى تۈرلەر بوشلۇق بىلەن ئايرىلىدۇ. ئىزدەش چوڭ كىچىك يېزىلىشنى پەرقلەندۈرمەيدۇ.

Tip Icon ئىندېكس ۋە پۈتكۈل تېكستىن ئىزدەش ئادەتتە نۆۋەتتىكى تاللانغان LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىغا ماس كېلىدۇ. ياردەم كۆرگۈچ قورال ستونىدىكى تىزىملىك رامكىسىنى ئىشلىتىپ مۇناسىپ قوللىنىشچان پروگراممىنى تاللايدۇ.